Isimde 作词 : Mz/Nutul 作曲 : SIRKUL ( HayatFM saloni ) « ئېسىمدە » ئوينايتۇق ئاشۇچاغدا«ئون يېرىم»«زا »«رەڭ»«قاتا» تېشىدا قويىتۇق لەگلەك ئۆيدە بولسا «تۆمۈر پاقا » مۆكۈشمەك ئوينىساق مەن ئۆيگە قايتىپ ئالدايتىم ‏ بۇ ياشلىققا بولغان سالىمىم ئون ئىككى ـ ئون ئۈچ ياشتا تۆمۈر ئوغۇرلاپ ساتىتۇق ‏ مەينەت بولۇشتىن قوقمايمىز بىز ئوت- چۆپلۈكتە ياتىتۇق ‏ ئەگەر مۇئەللىم ئىشقا بۇيرىسا خۇددى ئاتتەك چاپىتۇق ‏ ئېلى بىلەن گۈلگىنەنى توختىماي بىز چاتىتۇق ‏ ئون سەككىزگىمۇ توشتۇق تورخانىدا بىللە ئىشتۇق پىۋە ئېسىل ئاداش دەيتۇق ئەگەر دوستىمىز خىپ خوپ كىيسە چوڭ كۆرىمىز«ھاۋائارمىيە بىرىنجى نومۇر»لۇق ئاياغنى ئۇچاغدابىزنىڭ باللا ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن شاپاقتى ‏ ھەر بىر قېتىم مۆرىمىزنى مۆرىمىزگە تەككۈزگەندە‏ ھەرقانداق خەۋەرلەرنى بىر بىرىمىزگە يەتكۈگەندە باللا بىلەن ئۇرۇشۇپ مەكتەپ بىزنى كەتكۈزگەندە ‏ بىز بىللە ، بىز بىللە,‏ 原谅我这一生不羁放纵爱自由 也会怕有一天会跌倒 背弃了理想 谁人都可以 哪会怕有一天只你共我 كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە بىلـمىدىم ياشلىق قەيەردىسەن ‏ قايتىدىغان پۇرسەت بولسا چوقۇم با تەييارغۇ مەن ‏ ئەگەر راستلا قايتسام بەلكىم چوڭ بولغۇم با دېمەيتتىم ‏ سەن بىلەن ئۆتكۈزۈپ تويمىغان شۇ ياشلىغىم ‏ ياشلىغىم ـــ بىلىمەن ئەمدى كەلـمەيدۇ ‏ ياشلىغىم ـــ ناخشام بىلەن ئەسلەيمۇ ‏ ياشلىغىم ـــ ئەسلىمەمدىن كەتمەيدۇ ‏ ياشلىغىم ـــ ياشلىغىم ‏ Nutul : چوڭ بولدۇق بىزمۇ ئەمدى ۋاقىت بىلەن قوغلۇشۇپ ‏ ئىش ئۇقتۇق بارغانسىرى چوڭ بولغانغا ئۇلۇشۇپ ‏ تەقدىر قىسمەت بىزلەرنى تەرەپ تەرەپكە سورىۋەتسە ‏ قەدىر قىممەت ھەممىمىزنى ئۇلاپ تۇردى سورۇشۇپ ‏ ئەينى چاغدا ئوينىغان بىز بىللە ئويناپ تويمىغان ‏ بىللە ئويناپ قاندا بولۇپ كۈن پاتقاننى تۇيمىغان ‏ كېچىدىن قورقاتتۇق لىكىن كېچىدە كىرمەيتۇق ئۆيگە ‏ بۈگۈن شەنبىمۇ يەكشەنبە بۇنى بىز بىلـمەيتۇق ‏ تامدا قالغان توپ ئىزى بىزنىڭ«توققۇز توپ»نىڭ ئىزناسى ‏ شۇ چاغدا بىزار ئىدى بىزدىن مەلە چوڭلىرىنىڭ ھەممىسى ‏ مەلىدىن چىقمايتۇق بىلىنەتتى مەھەللە پۈتۈن دۇنيادەك ‏ تىيىن بولـمىسىمۇ ياندا يۈرتۇق كۆڭۈل توق ياندا پۇل بادەك قىزىشىپ ئىچىشتۇق پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگەندە ‏ قىزىرشىپ ئۆتۈشتۇق بىرقىزغا ئىككىمىز تەڭ كۆيگەندە ‏ بىلىمە ئاغىنە چوڭ بولدۇق« ئۇ »ئەسلىمە ‏ ئەسلىمىنى ئەسلىمىگىن چۈنكى يېنىڭدا بىز بىللە !‏ 原谅我这一生不羁放纵爱自由 也会怕有一天会跌倒 背弃了理想 谁人都可以 哪会怕有一天只你共我 原谅我这一生不羁放纵爱自由 也会怕有一天会跌倒 背弃了理想 谁人都可以 哪会怕有一天只你共我