Qinarim 作词 : Chimengul Awut 作曲 : Jurat Tursun 编曲 :Jurat Tursun ‎گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن . ‎سەيىر ئەتكىن باغلىرىمنى مەيىن شامالدەك يايرىغىن . ‎چاكچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانە ئەيلەي سەن ئۈچۈن ، ‎بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل ناداننى ئايرىغىن . ♪ ♪ ♪ كۆزيېشىم ھەقداسىغا يۇلدۇزلىرىمنى چۆلتۈرەي ، ‎ساچلىرىم بوستانىدىن قۇندۇزلىرىڭنى تۆكتۈرەي … ئاشىغى سەرگەشتە جانىڭ بىر كۈن غېرىپ بولسا ئەگەر ، ‎ئىككلەنمەي كەل يىنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي . ♪ ♪ ♪ ‎داغۇ ھىجران چۆلىدە يالغۇز كىيكمەن بىر ئۆزۈم ، ‎يوللۇرۇڭغا تەلمۈرۈپ تالدى ئاھ يۇم - يۇم كۆزۈم … نە قىلاي ؟ نەدىن سوراي ؟ قەددى چىنارىم بەر خەۋەر ، ‎ئىشقى پىراقىڭ رەنجىدە زەپىران بولدى يۈزۈم . ئىككىلەنمەي كەل يىنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي ، ‎نە قىلاي نەدىن سوراي قەددى چىنارىم بەر خەۋەر .